Uyghurئاساسىي لۇغەت
بويىغا يەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل - قىزلار جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلمەك.
سەن بالاغەتكە يەتكۈچە، ئەقلىڭ كامالەتكە يەتسۇن. ئەر يەتكەن يىگىتتىن ھەزەر ئەيلە. بويىغا يەتكەن قىزدا ئوي تولا. ئوغلۇڭ ۋايىغا يەتسە، ئابرويۇڭ جايىغا يېتىدۇ. يېشىغا يەتكەننىڭ بېشىنى ئوڭلا. قىز رەسىدە بولسا، رەستىگە يۈگۈرىدۇ. بويىغا يەتكەن بوينىدىن بىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بويى ئۆسۈپ بالىغ بولماق، بالاغەتكە يەتمەك؛ توي قىلىش يېشىغا يەتمەك: شاھ بەھرام مەجۇسىنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسىمى بوستان ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بالاغەتكە يېتىپ توي قىلىش مەزگىلىگە كىرمەك.