Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بوياكا جېڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى波亚卡战役
bō yà kǎ zhàn yì
لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. 1918-يىلى 6-ئايدا بولىۋار 2500 كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ ۋېنسۇئېلانىڭ شەرقىدىن يولغا چىققان ۋە ئورىنوكو دەرياسىنىڭ سايازلىقلىرىدىن ھەم ئاندېس تاغلىرىدىن ئۆتكەن. 7-ئايدا يېڭى گراناد تەۋەلىكىدە سانتاندېر باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن قوشۇلۇپ، بوگوتاغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى قوزغىلاڭچى ئارمىيە پايتەخت ئەتراپىدىكى بوياكى كۆۋرۈكى يېنىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە توسۇپ زەربە بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى تارمار قىلغان. شۇ قېتىمقى جەڭ قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ بوگوتانى ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن يول ئاچقان، كولۇمبىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.