Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ئەتراپى.
كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى. ئېقىن سۇ ئالدى بىلەن قاشنى بۇزىدۇ. بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھىلى بولماس. دەريا بويى سالقىن بولىدۇ. كۆلنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدۇق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم بەدىنىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.
بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر. ئۆكۈزنىڭ بويى مۇڭگۈزى بىلەن ئۆلچەنمەس. بالىلارنىڭ بويى يازدا قىشتىكىگە قارىغاندا ئون پىرسەنت تېز ئۆسىدۇ. تۇرقىغىلا قارىما، مىجەزىگىمۇ قارا. بۆرىنىڭ تۇرقىدىن قورقما، چىشىدىن قورق. بوران - چاپقۇن زەربىسى يىقىتسىمۇ دەرەخنى، پۈكەلمەيدۇ مەڭگۈگە قامىتىنى، قەددىنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئەجدادتىن تارقالغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى.
ياخشى قوۋم يامان ناخشا ئېيتماس. ئۆز ئېلىڭنىڭ بېشى بولساڭمۇ سايىدىكى تېشى بول. ئەلگە كىرگىن ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئۆز ئۇرۇقىغا تارتمىغان ئۆزىنى ئورۇنسىز ياشىدىم دېسۇن.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
بويتاق، تۇل. مەسىلەن:
تەڭتۇشلار ئۆيلىنىپ كەتتى،
بىز يۈرۈيمىزمۇ بوي.
ساقال - بۇرۇت قولغا كەلدى،
قىلمايمىزمۇ توي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شۇمشە.
يېيىلىدىغان بىر خىل ئوت.
ئوغۇزچە.
3 - 192
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قەبىلە، ئۇرۇق.
قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
تۇنۇش بولمىغان ئىككى ئادەم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن سالاملىشىدۇ، كېيىن « بوي كىم _ قايسى قەبىلىدىن» دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگۈچى « سالغۇر _ سالغۇر قەبىلىسىدىن» دەيدۇ ياكى كىتابنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان قەبىلە ناملىرىدىن بىرىنى ئېيتىدۇ، بۇ قەبىلە بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئاندىن كېيىن سۆزلىشىشكە باشلايدۇ ياكى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر - بىرىنىڭ قەبىلىسىنى بىلىشىدۇ.
ئوغۇزچە.
3 - 192
بىئولوگىيە
بوياق، رەڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. كىشى قامىتى.
ئوتتۇرا بوي، بويى ئېگىز. بوي ئەگمەك.
ئى. تىك نەرسىلەرنىڭ ئېگىزلىكى.
تېرەك بويى. تام بويى. بوي تارتىماق.
ئى. ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇق تەرىپى.
ئۇ گىلەمنىڭ بويى قانچىلىككەن؟
ئى. قىرغاق، ساھىل، چەت.
ئېلى ئۆستەڭ بويىدىن ھېيتگاھقا قاراپ ماڭدى.
رەۋ. Ⅲ شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنىڭ بىرلىكىدە كېلىپ <داۋامىدا، مابەينىدە>.
يىل بويى. ئۆمۈر بويى. كۈن بويى.
رەۋ. قىلغان پېتى، ئەتكەن ھالدا.
بېھىنى قولۇمغا تۇتقان بويى ئۆيگە كەلدىم.
مىق. نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇق ياكى ئېگىزلىك مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر بوي تال. بىر بوي تاسما.