Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
波河
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىbō hé
پاۋ دەرياسىDتارىخ
bō hé
پو دەرياسى
波河〈法〉
bō hé
پاۋ دەرياسىDئۇنىۋېرسال
bō hé
پو دەرياسى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرپو دەرياسى
ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالىپ تاغلىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋىسو (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3841 مېتر كېلىدۇ) تېغىنىڭ شىمالىيب قىسمىدىن باشلىنىپ، دۆلەتنىڭ شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئادرىئاتىك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 652 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئېقىن مىقدارى 1400 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ. دەريا ئېقىش يولىدا تۇرىن، پىياچىنتىسا قاتارلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پو دەرياسى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا مۇنبەت چۆكمە جىنسلىق تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىتالىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونى ھېسابلىنىدۇ. دەريا سۈيى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپەيگەندە، دائىم تاشقىن بولۇپ تۇرىدۇ. 1961 - يىلى ئىككى قېتىم بولغان تاشقىن ئاپىتى ئىتالىيىگە ناھايىتى چوڭ زىيان سالدى. دەريا دېلتىسى يىلىغا سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ 65 گېكتار قۇرۇقلۇق شەكىللەندۈرىدۇ. پو دەرياسى رىم دەۋرىدىن ھازىرغىچە سىرتقا قاراپ 25 كىلومېتر كېڭەيگەن. دەريانىڭ مۇھىم تارماقلىرى تىكنو، ئاددا، ئولىئو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تارماق دەريالار تاغلاردىن باشلانغانلىقتىن سۇ ئېنېرگىيىسى مول. شۇڭا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تاغ باغلىرىدا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرغان. پو دەرياسىنىڭ پاۋىيا شەھىرىدىن تارتىپ دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.
دائىرە: دۇنيا تارىخىپو دەرياسى
قەدىمكى پادوس دەرياسىنىڭ ھازىرقى نامى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.