Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوگومىلىچىلەر
دۇنيا تارىخى
Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە بالقان يېرىم ئارىلىدا تارقالغان خرىستىئان بىدئەتلىرى، ئادەتتە ئاساسچىسى بولغان مىسسىئونېر بوگومىلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان دەپ قارىلىدۇ. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇلغارىيىدە پەيدا بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېربىيە، بوسىنىيە ۋە ۋىزانتىيىلەرگە تارقالغان. ئۇنىڭغا ئاساسەن دېھقانلار قاتناشقان. پائولچىلار ۋە مانى دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن، ئىككى مەنبەچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، دۇنيادا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنبە مەۋجۇت، جەننەت بىلەن ئادەمنىڭ روھى - ياخشىلىق مەنبەسى، پانىي دۇنيا ۋە ئادەمنىڭ جىسمى بولسا، يامانلىق مەنبەسى، ئۇ ئىككى خىل مەنبە بىر - بىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشىپ تۇرىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ياخشىلىق يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەنئەنىۋى خىرىستىئان چېركاۋىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمىگە ۋە بۇتقا چوقۇنۇشقا، چېركاۋنىڭ مال -مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىرىستىئان دىنى كوممۇناسى يولغا قويغان ئومۇميۈزلۈك باراۋەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. نۇرغۇن مۇرىتلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ۋە چەت ئەللىك ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. 16 - ئەسىردە تۈركلەر بالقان يېرىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي يوقالغان. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرى غەربىي ياۋروپادىكى بەزى بىدئەتلەرگە، يەنى پاكلاشتۇرغۇچىلارغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.