Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوغۇز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئات - ئۇلاغلارغا تەييارلانغان يەم - خەشەك.
ئاتقا بوغۇز بەرمەك. * قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە، تاۋار تېشەر (ماقال). * بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . گال، تاماق، ھەلقۇم.
بوغۇزۇمغا بىر نېمە تۇرۇپ قالدى. * جان بوغۇزغا كەلمەك.
2 . چۆگۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىشلارنىڭ جۈمىكى. بوغۇزى قاينايدىغان چۆگۈن (تەمسىل).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جۇغراپىيە ئاتالغۇسى. ئىككى سۇ كۆلى ياكى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تار سۇ يولى.
تەيۋەن بوغۇزى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<بوغاز> گە قاراڭ؛ يەم - بوغۇز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغلارنىڭ ئاشلىقتىن تەييارلانغان ئوزۇقلۇقى.
قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋرا تېشەر (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ ۋە كېكىردەك باشلانغان يېرى؛ يۇتقۇنچاق، گال.
كۆچمە. ئەجەللىك جاي، ئۆلۈم گىردابىدىكى جاي.
جان بوغۇزىغا كەلمەك.
تۈرلۈك چۆگۈن، ئىدىش، قاپاق، ئاپتۇۋا قاتارلىقلارنىڭ ئاغزىدىن قورسىقىغىچە بولغان تار جايى.
ئىككى سۇ كۆلى ياكى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تار سۇ يولى.
تەيۋەن بوغۇزى.