Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
博格丹
دائىرە: دۇنيا تارىخىبوگدان
(1864 - 1919)، رومىنىيىلىك تارىخشۇناس، سلاۋىيان تىلشۇناس. ياش ۋاقتىدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە ۋە گېرمانىيىدە ئوقۇغان، كېيىن روسىيىدە سلاۋىيانىچلىقنى تەتقىق قىلغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ بۇخارېست داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە رومىنىيىدە تۇنجى سلاۋىيان تىلشۇناسلىقى لېكسىيىسىنى ئېچىپ، ئۆزى باش لېكتور بولغان. ئۇ سلاۋىيانلارنىڭ رومىنىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسىنى شەرھىلەپ، بىر يۈرۈش تارىخىي ھۆججەتلەرنى رەتلەپ ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرى <ئوتتۇرا ئەسىر سلاۋىيانلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر تەتقىقاتى>(بوراسوۋشەھىرىنىڭ ھۈججەتلىرى، چوڭ كىنەز ستېفاننىڭ ھۆججەتلىرى قاتارلىقلار)، <سلاۋىيان يىلنامىسى>، <ماراسوننىڭ بۇلغارىيە يىلنامىسى> قاتارلىقلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.