Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بوگدان
دۇنيا تارىخى
波格丹
bō gé dān
(؟ - 1365) مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ تۇنجى كىنەزى (1359 - 1365). 9135-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھامىي دۆلەت ۋېنگرىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىل مولداۋىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان. تېررىتورىيىسى غەربتىن كارپات تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتىن دېنىستر دەرياسىغىچە سوزۇلغان. 1364 - 1365-يىللىرى ۋېنگرىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
博格丹
bó gé dān
(1864 - 1919)، رومىنىيىلىك تارىخشۇناس، سلاۋىيان تىلشۇناس. ياش ۋاقتىدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە ۋە گېرمانىيىدە ئوقۇغان، كېيىن روسىيىدە سلاۋىيانىچلىقنى تەتقىق قىلغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ بۇخارېست داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە رومىنىيىدە تۇنجى سلاۋىيان تىلشۇناسلىقى لېكسىيىسىنى ئېچىپ، ئۆزى باش لېكتور بولغان. ئۇ سلاۋىيانلارنىڭ رومىنىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسىنى شەرھىلەپ، بىر يۈرۈش تارىخىي ھۆججەتلەرنى رەتلەپ ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرى <ئوتتۇرا ئەسىر سلاۋىيانلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر تەتقىقاتى>(بوراسوۋشەھىرىنىڭ ھۈججەتلىرى، چوڭ كىنەز ستېفاننىڭ ھۆججەتلىرى قاتارلىقلار)، <سلاۋىيان يىلنامىسى>، <ماراسوننىڭ بۇلغارىيە يىلنامىسى> قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
波格丹
bō gé dān