Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۆرتالا ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىكەسپىي مائارىپ
1960 - يىلى 2 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بورتالا
ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان. سىستېرالار سىنىپىدىن بىرنى ئاچقان، 1962 - يىلى 8 - ئايدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن توختاپ تاقالغان. 1972 - يىلى 11 ـ ئايدا مەكتەپ قايتا ئېچىلغان. 1987 - يىلى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپ ئىشخانىسى ۋە خوجىلىق بۆلۈمىدىن ئىبارەت تۆت ئورگان تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى قېتىم سىستېرالىق مەخسۇس كۇرس كەسپىي گۇۋاھنامە سىنىپى ئاچقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.