Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۆرەك نەيچىسى
بىئولوگىيە
بىر قىسىم ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ چىقىرىۋېتىش رولىنى ئوينايدىغان ئورگىنى. ئۇ ئىپتىدائىي دەسلەپكى بۆرەك نەيچىسى ۋە نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان كېيىنكى بۆرەك نەيچىسى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دەسلەپكى بۆرەك نەيچىسى ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار ۋە چاقلىق ھايۋانلاردا بولۇپ ئېكتوپلاست ھۈجەيرىلىرىدىن شەكىللەنگەن، پەقەت بىر ئۇچى بەدەن سىرتىدىكى سوقۇر نەيچىگە ئېغىز ئاچقان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇچى بىر يالقۇنسىمان ھۈجەيرە تەرىپىدىن ھىم ئېتىلگەن بولۇپ، بەدەن ئىچىدىكى ئارتۇقچە سۇ ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ئوسموتىك رول ئارقىلىق يىغىدۇ، چىقىرىۋېتىش نەيچىسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش تۆشۈكى بىلەن بەدەن سىرتىغا تۇتىشىدۇ ياكى چىقىرىش - كۆپىيىش تۆشۈكىگە ئېغىز ئاچقان. كېيىنكى بۆرەك نەيچىسى بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار بىلەن مولليۇسكلاردا كۆرۈلىدۇ، تەن بوشلۇقىنىڭ ئېپىتېلىيە (مېزوپلاست) ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقا ئۆسۈشىدىن ھاسىل بولغان تەن بوشلۇق نەيچىسىدىن ياكى تەن بوشلۇق نەيچىسى بىلەن دەسلەپكى بۆرەك نەيچىسىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن، ھەر ئىككى ئۇچى نەيچە شەكىللىك تۈزۈلۈش بولۇپ ئۇنىڭ تىپىك تۈزۈلۈشلىرى؛ كۆپ سانلىق ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان ۋارونكىسىمان بۆرەك ئېغىزچىسى (تەن بوشلۇقىغا ئېغىز ئاچقان) كىرپىك تۈكلۈك ئىنچىكە بۆرەك نەيچىسى، كىرپىك تۈكسىز چىقىرىۋېتىش نەيچىسى ھەم چىقىرىۋېتىش تۆشۈكى، بۆرەك تۆشۈكى قاتارلىق بىر قانچە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى بۆرەك نەيچىسىنىڭ بەزىلىرى چىقىرىۋېتىش رولىنى ئوينايپ، تەن بوشلۇقىدىكى ئارتۇقچە سۇ، ئۇرېيە ۋە قېرىغان ھۈجەيرە قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىدۇ؛ بەزىلىرى كۆپىيىش رولىنى ئۆتەيدۇ؛ چىقىرىۋېتىش ۋە كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل فۇنكسىيىگە ئىگە. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە (ئىمبرىئون) دەۋرىدىكى بۆرىكىنىڭ كىچىك نەيچىلىرىمۇ <بۆرەك نەيچىسى> دېيىلىپ ئاساسلىق فۇنكىسيىسى ئاقسىلنىڭ مېتابولىزمىدىن چىققان كېرەكسىز ماددىلرنى مەسىلەن، ئۇرېيە قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت.