Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伯恩汉
دائىرە: دۇنيا تارىخىبېرىنگېم
(1850 - 1942) گېرمانىيە تارىخشۇناسى. گامبۇرگدا تۇغۇلغان. 1883 - 1921 - يىللىرى گرايۋوسۋالد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1889-يىلى <تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسى> ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىلىرى، تارىخشۇناسلىق مېتودى، تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تارىخنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېزىش قاتارلىق مەسىىللەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ئىجادىي قاراشلار بولۇپ، تارىخشۇناسلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. تاكى ھازىرغىچە تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارالماقتا. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.