Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۆلۈنۈش ئارىلىق دەۋرى
دائىرە: بىئولوگىيە分裂间期
fēnlièjiānqī
ئالدىنقى، كېيىنكىدىن ئىككى قېتىملىق يىپلىق بۆلۈنۈش ئارىلىقىدىكى مەزگىلى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ جانلىنىپ ئۆسىدىغان مەزگىلى ھەمدە يىپلىق بۆلۈنۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان تەييارلىق باسقۇچىدۇر. ئۇ نۇسخىلىنىشتىن ئالدىنقى مەزگىلى، نۇسخىلىنىش مەزگىلى ۋە نۇسخىلىنىشتىن كېيىنكى مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە يىپلىق بۆلۈنۈش ئارىلىق دەۋرى ئۆتىدىغان ۋاقىت، يىپلىق بۆلۈنۈش دەۋرىگە قارىغاندا خېلى ئۇزۇن بولىدۇ. <ھۈجەيرە دەۋرى> گە قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.