Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۆكە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۆكە، ئەجدەرھا، يالماۋۇز.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يېتى باشلىغ يېل بۆكە _ يەتتە باشلىق يالماۋۇز. ياباقۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنى « بۆكە بۇدراچ _ بۆكە بۇدراچ» دەپ ئاتىغىنىدەك، بەزى باتۇرلارنىمۇ بۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. «» بىلەن بىللە بولغان كاپىرلارنىڭ سانى يەتتە يۈز مىڭ ئىدى. قىرىق مىڭ ئەسكەرگە ئىگە بولغان ئارسلان تېگىن غازىغا قارشى جەڭدە تەڭرى ئۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.
مەھمۇت ئېيتىدۇكى، مەن بۇ جەڭگە قاتناشقان كىشىدىن «كاپىرلار شۇنچە جىق تۇرۇپ نېمىشقا يېڭىلدى» دەپ سورىدىم. ئۇ: بىزمۇ بۇنىڭغا ئەجەبلەندۇق، مەغلۇب بولغان كاپىرلاردىن «سىلەر شۇنچە جىق تۇرۇقلۇق نېمىشقا يېڭىلدىڭلار» دەپ سورىساق، ئۇلار: «جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، كاناي تارتىلغاندا، باش ئۈستىمىزدە پەلەكنى قاپلاپ كەتكەن بىر يېشىل تاغنى كۆردۇق، بۇ تاغدا سان - ساناقسىز ئىشىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئوچۇق ئىدى. بۇ ئىشىكلەردىن بىزگەجەھەننەم يالقۇنلىرى ئېتىلاتتى، بىز بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتتۇق. شۇنداق قىلىپ بىزنى يەڭدىڭلار» دەپ جاۋاب بەردى، دېدى. مەن، بۇ، پەيغەمبەرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىدىن ئىكەن، دېدىم.
3 - 314
بىئولوگىيە
قەھرىمان، جەسۇر، باتۇر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قەھرىمان، كۈچتۈڭگۈر كىشى؛ ئاقساقال، باشلامچى، رەئىس؛ پەھلىۋان، جەسۇر ئوغلان.