Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۆكى چۈشسە خۇدانىڭ زېمىنىگە چۈشىدىغان
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئۆي - جايى، يەر - زېمىنى، پۇل - مېلى يوق نامرات ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىلغان ئىبارە: - ھازىر ئۇنىڭ شەھەردە ھەيۋەتلىك بار ئىكەن. بىزنىڭ ئالىمىمىزچۇ؟ ئۇنىڭ بۆكى چۈشسە خۇدانىڭ زېمىنىگە چۈشىدۇ، - دېدى جۇۋىچى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارىلىشىپ.