Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بودېن كۆلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر博登湖
bó dēng hú
كونىستانتىس كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆل غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا كۆللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاۋىسترىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆل دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 396 مېتر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 252 مېترغا يېتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 66 كىلومېتر، كەڭلىكى 14 كىلومېترغا يېتىدۇ، مەيدانى 541 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ قىرغاقلىرى تۈز، شەرقىي جەنۇبى تىك ھەم ئېگىز كېلىدۇ. يودېن كۆلى رېيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تەبىئىي سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. قىش پەسلىدە سۈيى سەل توڭلايدۇ. كۆلدە ھەرخىل قىممەت باھالىق بېلىقلار ياشايدۇ. كۆل ئارقىلىق شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، گېرمانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتكە بارغىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.