Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېنېس
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1948) چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1935 - 1938، 1946 - 1948). نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇغان. كېيىن يەنە پارىژ ئۇىۋېرسىتېتى، پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتى ۋە دىجون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1922-يىلى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماسارىك بىلەن بىللە، چېخلارنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1915-يىلى مىللىي كومىتېت باش كاتىپى بولغان. 1918 - 1935 - يىللىرى چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، ئارىلىقتا 1920 - 1921 - يىللىرى زۇڭلى بولغان. غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەكىلتەپ، <كىچىك ئانتانتا دۆلەتلەر> نى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1923- ۋە 1925-يىللىرى ئىككى قېتىم دۆلەتلەر بىرلشمىسى ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1935-يىلى ماسارىكتىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1938-يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى قوبۇل قىلغان، كېيىن ئىستېپا بېرىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1940-يىلى لوندوندا چېخ بۇرژۇئا مۇساپىر ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1943-يىلى موسكۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق - ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان. ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1946-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغان. 1948-يىلى 2-ئايدا، بۇرژۇئازىيە پىلانلىغان فېۋرال ۋەقەسىگە قاتناشقان. سۇيىقەست بەربات بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 6-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. <گېرمانىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە>، <ئۇرۇش دەۋرىدىن خاتىرىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.