Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېنيىنفاڭ سۈلۈكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى本因坊
běn yīn fāng
ئەسلىدە ياپونىيىنىڭ قورشاۋ شاھمات ساھەسىدىكى بىر مەزھەپ باشلىقىنى بىلدۈرەتتى. ھازىر قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققۇچىنىڭ بىر خىل نامى بولۇپ قالغان. راھىب رىخەي (1558 - 1628) پايتەختتىكى جىڭۋاڭ بۇتخانا مۇنارىسىدىكى بىرىنچى بېنيىنفاڭدا تۇرغىنىدا، قورشاۋ شاھماتقا ماھىر بولغان. تويوتومى ھىدويوشى مەزگىلىدە شاھماتچىلار خانىنى قۇرۇشقا قاتناشقان؛ كېيىن توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ شاھماتخانىسىدا خىزمەتچى بولغان. ئىسمىنى خونىن بۇسان ماساگوغا ئۆزگەرتىپ، بىرىنچى ئەۋلاد بېنيىنفاڭ بولۇپ قالغان. كېيىنچە قورشاۋ شاھمات ماھىرلىرى ۋارىسلىق قىلغان. 12-ئەۋلاد ھىدى توشى (1874 - 1940) مەزگىلىدە بۇ ناما ياپونىيە شاھماتچىلار ئورنىغا ھاۋالە قىلىنغان،1939- يىلىدىن ئېتىبارەن ئاخباراتچىلىق ئورنى قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلغۇچىنى بېكىتكەندە، بىرىنى باسقۇچتا سەكىياماتوشىسېننى بېكىتكەن. ئۇ ھازىرغىچە ياپونىيە قورشاۋ شاھمات ساھەسىدە شەرەپ نامىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.