Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېلسارىئوس
دۇنيا تارىخى
贝利萨留
bèi lì sà liú
(تەخمىنەن 505 - 655) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى سەركەردىسى. پادىشاھ يوستىنىئانۇسقا مۇھاپىزەتچى بولغان مىلادى 532-يىلى كونستانتىنوپولدىكى نىكا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. مىلادى 533 - 534-يىللىرى لەشكەر تارتىپ چىقىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋانداللار پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، كېيىن ئىتالىيىگە يۆتكىلىپ، مىلادى 534 - 540 - يىللىرى شەرقىي گوتلارنى يېڭىپ، سىتسىلىيە ۋە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى، جۈملىدىن شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ پايتخەتى راۋېننا (540) نى ئىشغال قىلغان. مىلادى 541 - 542 - يىللىرى پېرسىيە پادىشاھى خوسراۋ Ⅰ گە قارشى ئۇرۇش قىلغان. مىلادى 544 - 548 - يىلى كونستانتىنوپول شەھىرىگە يېقىنلاپ كەلگەن بۇلغارىيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 526-يىلى يوستىنىئانۇسقا قارشى سۇيىقەستكە قاتناشتى دەپ ئەيبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دەرد - ئەلمە بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.