Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېلىقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
鱼纲
yúgāng
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلار ئۆمۈر بويى سۇدا ياشاپ، ژابراسى بىلەن نەپەسلىنىپ، پالاقچىسى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ھەم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان، تېنىنى ئادەتتە تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن ئىبارەت. بېلىقلار ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ. يۈرىكىدە بىر يۈرەك قۇلاقچىسى، بىر يۈرەك قېرىنچىسى بولۇپ، قان ئايلىنىشى تاق قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىدۇ. بەدىنى كۆپىنچە ئۇرچۇق شەكلىدە، تېرىسىدىكى شىلىمشىق بەزلىرى كۆپ، ئاڭلاش ئورگىنىدا پەقەت ئىچكى قۇلىقىلا بولىدۇ. بېلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغلىرى، جۈپ پۇتلىرى (يەنى كۆكرەك پالاقچىسى ۋە قورساق پالاقچىسى) ھەم ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ پۇراش، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى بولغان بىر جۈپ بۇرۇن تۆشۈكى ۋە ئىچكى قۇلاقتىكى ئۈچ دانە يېرىم ئايلانمىلىق نەيچىسى ھازىرلانغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھايۋان تېنىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى، ئۆزلۈكىدىن ئوزۇق تۇتۇش ئىقتىدارى ھەمدە پۇراش سېزىمى بىلەن تەڭپۇڭلۇق سېزىملىرى كۈچىيىپ ئۆز خىلىدىكىلەرنىڭ كۆپىيىپ بېرىشىغا پايدىلىق شەرتلەر يارىتىلغان. ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان بېلىقلار 24 مىڭ تۈردىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ بىر تۈركۈم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسمى مەملىكىتىمىز ئىچىگە تارقالغان. بۇ سىنىپتىكىلەرنى كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار (chondrichthyes) ۋە سۆڭەكلىك بېلىقلار (Osteichthyes) دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە ئايرىشقا بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھايۋاناتلار كلاسسىفىكاتسىيىسى ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ ئىككى تۈركۈمنى ئىككى سىنىپقا تۈزۈپ بېلىقلار سىنىپىدىن ئىبارەت بۇ بىر دەرىجە بىرلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇغان. ھازىرقى بېلىقلار قالقان تېرىلىك بېلىقلار (پلاكودېرىملار) نىڭ ئىچىدىكى ئاكانتودلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى يۇقىرى سىللور دەۋرىدە تېپىلغان، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 مىليون يىل بۇرۇن، يەنى دىۋون دەۋرىدە بېلىقلار ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. قەدىمكى زاماندىكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلار (Crossopterygii) بولسا قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
鱼纲
yú gāng