Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېلگراد سۈلھ كېلىشىمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى贝尔格菜德和约
bèi ěr gé cài dé hé yuē
ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ كېلىشىم. 1737 - 1739 - يىللىرى روسىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاۋستىرىيە يېڭىلىپ، 1739 - يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيە بىلەن بېلگرادتا سۈلھ كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاۋستىرىيە 1718-يىلىدىكى <پوزاربۋاس سۈلھ كېلىشىمى> دە قولغا كەلتۈرۈۋالغان كۆپ قىسىم ھوقۇق - مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، سېربىيە (بېلگرادمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ۋالاخىيىنىڭ غەربىي ۋە بوسنىيىنىڭ شىمالىنى تۈركىيىگە بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.