Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېكوروفت
دائىرە: دۇنيا تارىخى比克罗夫特
bǐ kè luó fū tè
(1779 - 1854) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 8291-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئافرىقىدىكى ۋاقىتلىق دېڭىز ئارمىيە بازىسى فېرناندو ئارىلىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1834 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، <سودىگەر> دېگەن نام ئاستىدا، 40 مىڭغا يېقىن <ئەركىن> نېگىرقۇلنى باشقۇرغان، نېگىرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېگرى دەرياسى قاتارلىق بىر نەچچە دەريا ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ، كۆپلىگەن ماتېرىيالغا ئىگە بولغان. 1843-يىلى ئىسپانىيە بۇ ئارالنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە تەرىپىدىن بۇ ھۆكۈمەت تەرەپ كونسۇلى بولغان. 1849 - 1854-يىللىرى بېنىن قولتۇقى رايونىنىڭ كونسۇلى بولغان مەزگىلدە، قۇل سودىسىغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن، شۇ جاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشپ، دھومىيە، لاگوس قاتارلىقلارنى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.