Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
币原喜重郎
دۇنيا تارىخى
شىدې خاراكىجۇرۇ
(1872 - 1951) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1945 - 1951). ئوساساكادىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. مىتسوبىشى مالىيە ماگىناتى ئىۋاساكى ياتارونىڭ كۈيئوغلى. گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (1914 - 1915)، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (1919 -1922) بولغان. 1924 - 1927 - يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىپ، جۇڭگودىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كېڭەيتىشنى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1929 - 1931 - يىللىرى يەنە بىر قېتىم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ياپونىيەچېگرا بېجى كىلىشىمىنى تۈزۈپ چىققان. <دېڭىز ئارمىيىسىنى قىسقارتىش لوندون شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغاچقا، ئارمىيە تەرەپ ۋە ئوڭ قاناتلار تەرىپىدىن <زەئىپ دىپلومات> دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلى 10 - ئايدا، كابېنت تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدىكى سايلامدىن كېيىن ئىستىپا بەرگەن. كېيىن ئىلغارلار پارتىيسىنىڭ لىدىرى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پەخرى لىدىرى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى (1949 - 1951) بولغان. <50 يىللىق دىپلوماتىيە> دېگەن ئەسىرى بار.