Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
彼斯捷里
دۇنيا تارىخى
پېسېنتېل
(1793 - 1826) روسىيە دېكابرىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، جەنۇب جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى. چوڭ بيۇركرات ئائىسلىدە تۇغۇلغان. ئاقسۆڭەك يونكىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا (1812 - 1814) قاتنىشىپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئۇ تۈزگەن سىياسىي پورگرامما <رۇس ھەقىقىتى> دە يانچىلىق تۈزۈمىنى ئۈزۈل ـ كېسىل يوقىتىپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قۇرۇش؛ پومېشچىكلارنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى مۇسادىرە قىىپ، دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ ئەركىن ياللىنىپ ئىشلەش؛ پۇقرالارنڭ ھەممىسى باراۋەر بولۇش، سايلاش ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ۋە مائارىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ۋە باشقىلار تەشەببۇس قىلىنغان. 1825-يىلى دكابرىستلار قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا خائىنلارنىڭ ساتقىلىنقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.