Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
庇尔
دۇنيا تارىخى
پېئېل
(1788 - 1850) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1834 - 1835، 1841 - 1846). تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. 1808 - يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1809 ـ يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئېرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى (1812 - 1818)، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى (1822 - 1827)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1828 - 1830) بولغان. تۇنجى قېتىم باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزەىلىدە، تۆرىلەر پارتىيىسىنى ۋېگ پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان سانائەت بۇرژۇئاسىيىسىگە پايدىلىق بولغان بەزى ئىسلاھاتلىرىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۆزگىرىپ مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە مالىيە جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تاپاۋەت بېجىنى يولغاق ويغان، چېگرا بېجىنى كېمەيتكەن، بانكىلاrنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن ھەمدە < ئاشلىق قانۇنى> نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن تۆرىلەر پارتىيىسىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1846 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.