Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
彼得斯
دۇنيا تارىخى
پېتېرىس
(1856 - 1918)گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچى ھەم ئېكسپېدىتسىيىچى. گونتتىنگېن، توبىنگېن، بېرلىن ۋە لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇغان. 1884 - يىلى <گېرمانىيە مۇستەملىكە جەمئىيىتى> نى قۇرغان ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى باشلاپ ئوتتۇرا ئافرىقىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇسلىگارا، ئۇكامى، نىگۇلۇ ۋە ئوسېگۇخا قاتارلىق جايلارنى گېرمانىيىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلغان. 1885 - يىلى گېرمانىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقىنى قۇرۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇستەملىكىچى ئەمەلدار بولغان. 1896 - يىلى نېگىرلارنى خورلىغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن يەنە لوندوندا ئېكسپېدىتسىيە شىركىتىنى ئاچقان. 1889 - 1901 - يىللىرى زامبېز دەرياسى بىلەن سايې دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلارنى چارلاپ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىزى ۋە ئالتۇن، مىس كانلىرىنى تاپقان. <نېگىرئافرىقىسىنىڭ تاڭ نۇرى>، <زامبېز دەرياسى بىلەن سايې دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتى>، <گېرمانىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقىنىڭ قۇرۇلۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bǐ dé sī
پيېترس