Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
彼得留
دۇنيا تارىخى
پېتليورا
(1879 - 1926) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئوكرائىنادىكى ئەكسىلئىنقىلابىي بۇرژۇئا مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىلگىرى ئوكرائىنا ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئورۇشى مەزگىلىدە روسىيە يەرلىك ئاپتونومىيەبىرلەشمىسىنىڭ غەربىي سېپىدە باش تەپتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوكرائىنالادا (يەنى مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى) سىداھەربىې كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. گېرمانىيە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن كېيۋ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1918 - يىلى 11 - ئايدا ئوكرائىنا گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتولغاندىن كېيىن يەنە <ئىجرائىيە كابېنت> تەشكىللەپ، ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلاردا مۇھىم ۋەزىپە تۇتقان. 1919 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، قالدۇق قوشۇننى باشلاپ ۋارشاۋاغا قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى پولشانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەرگەن، لېكىن مەغلۇپ بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1924 - يىلى پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن يەھۇدىي بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىرىتەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.