Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
表皮
پارقازان، بېسىملىق باك
biǎo pí
قاپلىما تاش، تېشى، قېپىDتېببىي
biǎo pí
ئېپىدېرما، يۈزە تېرەDئادەم ئاناتومىيىسى
biǎo pí
يۈزە تېرەDئۇنىۋېرسال
biǎo pí
ئېپىدېرما؛ ئۈستكى تېرە قەۋىتى
Dتەنتەربىيە
biǎo pí
ئېپىدېرما، ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتىDئۆسۈملۈك
biǎo pí
سىرتقى پوست، ئېپىدېرمىسDئورمانچىلىق
biǎo pí
قوۋزاق، پوست، سىرتقى تېرەDدېھقانچىلىق
biǎo pí
قوۋزاق، پوستDئادەم ئاناتومىيىسى
biǎo pí
يۈزە تېرەDباغۋەنچىلىك
biǎo pí
قوۋزاق، پوست
بىئولوگىيە
ئېپىدېرما
(1) ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى يۈزىگە تارقالغان دەسلەپكى قوغدىغۇچى توقۇلما. ئۇ تاق قەۋەتلىك (ئاز ساندىكىلىرى كۆپ قەۋەتلىك). رەڭسىز (ئاز ساندىكىلىرىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن ياكى خلوروپلاست بولىدۇ) ھەمدە ياپىلاق ھايات ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. غول، يوپۇرماق، گۈل، مېۋە قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تىزىلىشى زىچ، بىرىكىشى مۇستەھكەم بولۇپ، ھۈجەيرە ئارىلىقى بولمايدۇ (ھاۋا تۆشۈكىدىن باشقا)، سىرتقى پوستى قېلىنلىشىدۇ ھەمدە مۈڭگۈزلىشىدۇ (باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېپىدرمىسى سىلىتسىيلىشىدۇ)، مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەت، موم قەۋەت ياكى تۈك ۋە بەز تۈكى قاتارلىق قوشۇمچە ماددىلار بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئېپىدېرمىنىڭ قوغداش رولىنى ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق. ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى بەلگخلىك ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ يۈزىگە يېپىشىپ قالغان سۇ تامچىلىرى ۋە ئۇنىڭدا ئېرىگەن ماددىلارنى بىۋاسىتە سۈمۈرىدۇ، شۇنداقلا بەلگىلىك پارلاندۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئېپىدېرمىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى تەن ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن تەن سىرتىدىكى ھاۋانىڭ ئالمىشىشىغا ماسلىشىدۇ. يىلتىزنىڭ ئېپىدېرمىسى نېپىز پوستلۇق توقۇلما تىپىدىكى ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پوستى نېپىز بولىدۇ، مۈڭگۈزلەشمەيدۇ، ھاۋا تۆشۈكى بولمايدۇ. يىلتىز تۈكى بولىدۇ، بەلگىلىك قوغداش رولىدىن باشقا ئاساسەن سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. (2) تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتى. ئۇ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى سىرتقى تۆرەلمە قەۋىتىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، نىسبەتەن نېپىز بولىدۇ، قان تومۇر ۋە نېرۋىلار بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ ئېپىدېرمىسى يەككە قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى تەرىپىدە ھۈجەيرە ئاجرىتىپ چىقارغان مۈڭگۈزلۈك پەردە (مەسىلەن، لۆمشۈك قۇرت) ياكى مەلۇم خىل سىرتقى سۆڭەك (مەسىلەن، بوغما پۇتلۇق ھايۋانلار) بولۇپ، قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئېپىدېرمىسى كۆپ قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزلۈك قەۋىتى بىلەن ئۆسكۈچى قەۋىتى؛ سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ مۈڭگۈزلۈك قەۋىتى، سۈزۈك قەۋىتى، دانىچىسىمان قەۋىتى ۋە ئۆسكۈچى قەۋىتى قاتارلىقلار. ھايۋانلار مۇھىتقا ماسلىشىدىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئېپىدېرمىسى ھەرخىل تۇغۇندىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، سۈرەلگۈچىلەرنىڭ مۈڭگۈزلەشكەن تەڭگىچىسى، قۇشلارنىڭ پېيى، سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ تۈكى، تۇيىقى، تىرنىقى، تەر بېزى، تېرە ماي بېزى قاتارلىقلار مورفولوگىيىسى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان تۈزۈلۈشلەردۇر