Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
便帽派
دۇنيا تارىخى
شىلەپىچىلەر
شۋېتسىيىنىڭ <ھۆرلۈك دەۋرى> (1718 - 1772) دىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولۇپ، سىياسىتى مۇتەئەسسىپ بولغانلىقتىن <قالپاق> قا تەمسىل قىلىنىپ،<شەپكىچىلەر> دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبىرى ئارۋىد خورن. ئەمەلدار ۋە راھىبلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى ۋە دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1738 - يىلى خورن ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبور بولۇپ، ھاكىمىيەت شىلەپىچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان شىلەپىچىلەرنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ئېغىر سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، 1765 - يىلى يەنە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋالغان. 1768 - يىلى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئىشىدا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت يەنە شىلەپىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1771 - 1772 - يىللىرى يەنە ھاكىمىيەت سورىغان. 1772 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى گوستاف Ⅲ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پارتىيە - گورۇھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتقان ھۆرلۈك دەۋرىگە خاتىمە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن شىلەپىچىلەرمۇ تارقىلىپ كەتكەن.