Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
变构酶
بىئولوگىيە
ئاللوستېرىك ئېنزىم
ئاللوستېرىك ئېففېكتىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئېنزىم. يەنى ئۇنىڭ بوشلۇقتىكى ئارىلىقى يىراقراق بولغان رايون دائىرىسىدە ئاز دېگەندە بىرىكىدىغان ئىككى ئورنى (ئاكتىپ كاتالىزلايدىغان) ئورنى ۋە ئاللوستېرىك (تەڭشەيدىغان ئورنى) بولىدۇ، ھەمدە مېتابولىزمدىكى ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى ماددا (ئېففېكتور) ئاللوستېرىك ئورنىغا بىرىككەندىن كېيىن كونفورماتسىيىسى ئۆزگىرىدۇ، ھەتتا كاتالىزلايدىغان ئورنىدىكى ئامىنو كىسلاتا قالۇقلىرىنىڭ ستېرېئولۇق مۇناسىۋەتلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئېنزىم ئۆزىنىڭ كاتالىزلاش ئاكتىپلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. ئاللوستېرىك ئېنزىملار كۆپ سۈب رادىكاللىق بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى تېزلىكى بىلەن ئاساسىي ماددىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى M تەڭلىمىسىگە S ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدۇ. مېتابولىزمدىكى ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى ماددا (ئېففكتور) كەلتۈرۈپ چىقارغان تومۇزلاش رولى تىىپىك رىقابەتلىك، رىقابەتسىز ياكى ئانتى رىقابەتلىك تورمۇزلاش روللىرىنىڭ سانلىق مىقدارلىق مۇناسىۋىتىگە بويسۇنمايدۇ. ئاللوستېرىك ئېنزىم ئومۇمەن مېتابولىزم جەريانىدىكى ھالقىلىق ئېنزىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقى ھەر خىل ئېففېكتورلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەبتىن مېتابولىزمىدا تەڭشەش باشقۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، مەسىلەن، ئاسپارتىك كىسلاتاترانس كاربامويىلازا (ATCase) بىر خىل ئاللوستېرىك ئېنزىم بولۇپ، ئۇ پىرىمىدىنلىق نۇكلېئوتىدلارنىڭ سىنتېزلىنىشىدا تەتۈر باغلىنىشلىق تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
biàn gòu méi
ئاللوستېرىك ئېنزىم