Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېھانزىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى柏韩赞
bǎi hán zàn
(1844 - 1906) داھۇمىيە (ھازىرقى بېنن) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1889 - 1893). فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1889-يىلى پادىشاھ بولغان. 1890-يىلى قوشۇن باشلاپ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. 10-ئايدا ۋىتو سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ، فرانسىيىنىڭ پورتونۇدىكى ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كوتونۇنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1892-يىلى ئۇرۇش قايتا پارتلاپ، پايتەخت ئاپومىې شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1893-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى فرانسىيىگە تەسلىم بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىۋالغان. 1894-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ مارتىنىڭ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ئالجىىريىدە ئۆلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.