Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېغىش پەردە
بىئولوگىيە
ئادەتتە ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ قورساق بوشلۇقىدىكى جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئورگانلارنى ئوراپ تۇرىدىغان ياكى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىككى قەۋەت قورساق پەردىسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئۇنىڭدا قان تومۇر، لىمفا تومۇرى ۋە نېرۋا قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوراپ تۇرغان ياكى ئېسىپ كۆتۈرۈپ تۇرغان ئورگانلىرىغا ئاساسەن، ئۈچەي بېغىش پەردىسى، ئاشقازان بېغىش پەردىسى، سازاڭ ئۆسۈكچە بېغىش پەردىسى، تۇخۇمدان بېغىش پەردىسى، تۇخۇم توشۇغۇچى نەيچە بېغىش پەردىسى دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى قورساق - داس بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئورگانلارنى بەلگىلىك ئورۇنغا مۇقىمداپ ئۇلارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىرەك بولۇش، قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش روللىرىغا ئىگە. بېغىش پەردە بەزىدە مەخسۇس ئۈچەي بېغىش پەردىسىگىلا قارىتىلىدۇ، لېكىن بارلىق ئۈچەيلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بېغىش پەردە بولىۋەرمەيدۇ. بېغىش پەردە ئۈچەيلەرنى قورساق دىۋارىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تۇتاشتۇرىدۇ. ئۈچەي بېغىش پەردىلىرىنىڭ ئۈچەينى تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە ئاچچىق ئۈچەي - يانپاش ئۈچەي بېغىش پەردىسى (ئىنچىكە ئۈچەي بېغىش پەردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، كۆندىلەڭ بوغماق ئۈچەي بېغىش پەردىسى (كۆتۈرۈلگۈچى بوغماق ئۈچەي ۋە تۆۋەنلىگۈچى بوغماق ئۈچەيلەردىمۇ بەزىدە بېغىش پەردە پەيدا بولىدۇ) ۋە <S> سىمان بوغماق ئۈچەي بېغىش پەردىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.