Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەزلىك تۈك
بىئولوگىيە
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەن يۈزىدىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى بولغان ئېپىدېرما تۈكى. ئۇ تاق ھۈجەيرە ياكى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ، ئادەتتە ساپ قىسىم بىلەن باش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ساپ قىسمى تىرەكلىك رولىنى ئوينايدۇ؛ باش قىسمى كېڭەيگەن بولۇپ، ستوپلازمىسى مول بولىدۇ، ئالاھىدە ماددا (مەسىلەن، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاجرالمىلار ياكى بەزلىك تۈكنىڭ مۈڭگۈزلەشكەن قەۋىتىدىن سىڭىپ چىقىدۇ ياكى مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەت يېرىلغاندا ئاندىن چىقىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غول، يوپۇرماق تەڭگىچە بىخ، ئۇرۇقدان قاتارلىق قىسملىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئاجراتمىلىرىنىڭ ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزۈشىدىن مۇداپىئەلىنىش ياكى يۇمران يوپۇرماقلارنىڭ ئۆسۈش ۋاقتىدا ئۆز ئارا سۈركىلىشنى ئازايتىش رولى بار. بەزى ھاشارات يەيديغان ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوت) نىڭ يوپۇرمىقىدىكى بەزلىك تۈك يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ۋە ئېنىزم تۈرىدىكى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھاشاراتلارنى تۇتۇپ ھەزىم قىلىدۇ.