Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەئەينى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوخشىتىش مەنىسىدە كېلىپ، ئوخشىتىشنى كۈچۈيتىدۇ.
خۇددى تۇلۇن ئايدەك چىرايلىق بىر قىزنى كۆردۈم. ئۇ گويا ھېچنېمە بولمىغاندەك تۇراتتى. گوياكى جىمى ئالەم قاراپ تۇرغاندەك سېزىلدى ئۇنىڭغا. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. بۇ بالا بەئەينى ئانىسىغا ئوخشاپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ بىر - بىرىگە ئەينەنلىكى.
گۆھەرنى تاشقا ئۇرغان بىلەن تاش بىلەن گۆھەرنى ئۇرغان ئوخشاش؛ ئاخىر گۆھەر سۇنىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۇ بىلەن سەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ ئىككىسى ئوپئوخشاش چوڭ بوپتۇ. بۇ قىز بەئەينى ئانىسىنىڭ ئۆزىغۇ! بۇ مەن يىتۈرۈپ قويغان پىچاقنىڭ دەل ئۆزى. بۇ بالا دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ. زىرائەت مايسىلىرى بىر خىل تەكشى ئۆسۈپتۇ. ياخشى ئوغۇل ئەلگە بىردەك يارار. دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە، مىسلى مۇردا كېپەندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پەرق ئەتكىلى، ئاجراتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئوخشاش؛ خۇددى، ئەينەن، ئۆزى.
باتۇرنىڭ چىراي - شەكلى بەئەينى دادىسىغا ئوخشايتتى.