Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەسلەشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرت قويۇپ، بىرەر نەرسە تىكىپ، ۋەدىلىشىپ ئۇتۇق تالاشماق.
«مەردەملەشمەك»قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بەسلەشسەڭ، بەسلەش، قېنى كىمنىڭ ھارۋىسى سۇناركىن. قاغا بۇلبۇل بىلەن بەسلىشىپتۇ. ئۇلار مەنلىشىپتۇ. ئاخىر بېرىپ سەتلىشىپتۇ. باغلاشساڭ بەلبېغىڭنى باغلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇتۇشماق، مۇسابىقە - بەسكە چۈشمەك.
تەنتەربىيىچىلەر ئۆز ماھارىتى بويىچە، مۇسابىقە تۈرلىرىگە ئاساسەن مۇسابىقىلاشتى. مەكتىپىمىزدە سىنىپلار ئارا تازىلىقتا بەسلەشتۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماق، مۇسابىقىلەشمەك.
شۇنداق قىلىپ مەمەتجان بىلەن ئامانگۈل ئورمىدا بەسلىشىپ قالدى .