Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بەش ماددىلىق ئەھدىنامە
دۇنيا تارىخى
五条誓文
wǔ tiáo shì wén
ياپونىيە مىيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق دۆلەت سىياسىي فاڭجېنى، ئىسلاھاتچى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 1868-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تېننو مىيجى كىيوتودىكى موراساكى سارىيىدا ئېلان قىلغان، مەزمونى؛1. كېڭەشلەرنى كەڭ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئىشلارنى جامائەت پىكرى بويىچە قارار قىلىش؛ 2. يۇقىرى تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ پىلان بىلەن ئىش قىلىشنى ئوموملاشتۇرۇش. 3. ھۆكۈمەت بىلەن ھەربىي بىر يولدا بولۇپ، ئاۋام خەلقتىن تارتىپ ھەممىسى ئۆز ئىرادىسىنى ئاشۇرۇش، كىشىلەر رايىنى قايتۇرماسلىق؛ 4. كونا، ئوسال ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھاندىكى ئادىللىققا ئاساسەن ئىش قىلىش؛ 5. دۇنيادىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، خان ئاساسىنى جانلاندۇرۇش. يۇرى كىممىماسا (ئېچىنزېن ۋاسسالى) يازغان، فۇكۇئاكاتاكاچىكاتو ۋاسسالى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كىدوتاكايوشى (ناگاسۇ ۋاسسالى) بېكىتكەن. بۇنىڭدىكى <كېڭەشلەرنى كەڭ يولغا قويۇپ> دېگىنى بەگكىنەزلەردىن كەڭ كۆلەمدە پكىر ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ <پىلان بىلەن ئىش قىلىشنى ئوموملاشتۇرۇش> دېگىنى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ <كونا، ئوسال ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاش>دېگىنى چەت ئەلنىڭكىنى يەكلەش ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، چەت ئەللەر بىلەن بېرىش كېلىشنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ <دۇنيادىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش>نى غەربتىكى ئىلغار كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن ئۆگىنىش، يېقىنقى زامان كاپىتالىستىك مەدەنىيەت بىلىملەرنى كىرگۈزۈش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ئەھدىنامە، ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن يېقىنقى زاماندىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ئىدىيىلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.