Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەش كىتاب
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/60
بۇ ئەسەر كىتاب بىدىل شېئىرلىرى، مەسلىكى لۇغەت، فىقھىل ئەكبەر، كىتاب مەسايىل ... قاتارلىق بەش ئەسەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى: بىدىل، ئىمام ئەئزەم قاتارلىقلار، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26 × 16 سانتىمېتىر، 416 بەت. پارسچە - ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/270
بۇ ئەسەر بەش ئەسەر بولۇپ، مۇنۇلار: بىرىنچىسى، <نام ھەق> (ئىسلام نەزەرىيىسى)؛ ئىككىنچىسى. <مەھمۇد نامە> (شېئىرىي ئەسەر)؛ ئۈچىنچىسى، <پەندىنامە> (ۋەز - نەسىھەتلەر)؛ تۆتىنچىسى، <لوقمان ھېكىمنىڭ بالىلىرىغا قىلغان يۈز نەسىھىتى>؛ بەشىنچىسى، <رىسالەئى قۇتبى قازى> (سوئال - جاۋابلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان ئىسلام پەلسەپىسى) بولۇپ، ئاپتورى: نۇر مۇھەممەد قازى، مەھمۇد ئايازى، ئەتتارھەق زەررىدىن، لوقمان ھېكىم، قۇتبى قازى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 662 - يىلى، فورماتى: 20 × 14 سانتىمېتىر، 75 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1314 - يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ بىر تۈپلەنگەن.