Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەقا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باقىيلىك، ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك؛ بارلىق:
ئۇ دۇنيا، ئاخىرەت:
1. ئەدەمدە باغلاپ ئىدىم ئول ئەغىز خەيالىنى مەن،
كى مۇندا خىزىردەك ئابى بەقا تىلەپ كەلدىم.
لۇتقى.
2. تۇرۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن مىيزبان،
قەزا يەتتى بولدى بەقاغە رەۋان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرغۇنلۇق، دائىملىق، ئۇزاق ياشاش، مەڭگۈلۈك، تىرىكلىك، ھايات، ئەبىدىلىك، تۈگىمەس، باقى بولۇش؛ ئۇ دۇنيا: بەقايى جاۋىد - مەڭگۈ تىرىكلىك، مەڭگۈ بارلىق؛ بەقادا - ئۇ دۇنيادا.