Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
本科夫斯基
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
běn kē fū sī jī
بېنكوۋسلى
دۇنيا تارىخى
بېنكوۋسكى
(1844 - 1876) يەنە بىر ئىسمى گاۋرېل خلىتېۋ بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ئاسىيا، مىسىر قاتارلىق جايلاردا سودىگەرچىلىك قىلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 70-يىلىرىنىڭ بېشىدا ۋالاخىيىدىكى بۇلغارىيىلىك مۇھاجىرلار پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان. 1876-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىدا پاناگيۇرىشت شەھىرىنى ئازاد قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. <ئۇچقۇر تارماق ئەترەت> ناملىق ئاتلىق ئەسكەرلەر تارماق ئەترىتى تەشكىل قىلغان قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ بالقان تاغلىق رايونىغا چكىنگەن. يېرىم يولدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچراپ ھالاك بولغان.