Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەنچياۋ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى جەھرىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك بولۇپ، لىڭجۇ سىستېمىسىدىكى <نەنچۇەن سۈلۈكى> دىن بارلىققا كەلگەن. 1940 - يىلى ماجىڭشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئونىنچى ئوغلى ماتىڭئەي بىلەن ئالتىنچى ئوغلى ماتىڭنى نەنچۇەن سۈلۈكىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا بۆلۈنۈپ كېتىپ، ماتىڭنى جىنجى (ھازىرقى نىڭشا ۋۇجۇڭ) دىكى بەنچياۋدا بەنچياۋ سۈلۈكى قۇرۇپ، رىياسەتچىلىك قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەقىدە تەشەببۇسى ۋە دىنىي قائىدە جەھەتتە جەھرىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ، باشقا تارماقلار بىلەن ئانچە تېپىشمەيدۇ. نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە دىننى تەرغىب قىلىدىغان رايونلار توغرىسىدا باشقا سۈلۈكلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى ئاساسلىقى نىڭشادىكى ۋۇجۇڭ، لىڭۋۇ، شىجى، گۇيۈەن قاتارلىق جايلارغا ۋە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلارغا تارقالغان.