Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەكتاشىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تۈركىيدىكى تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن ئازاۋىيە پىرقىسىنىڭ تارمىقىدۇر. بۇنى 8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى خۇراسانلىق بەكتاش (؟ - 1335 - 1337) قۇرغان. 8 - ئەسىردە موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تۈركلەر ئاناتولىيىگە كۆچتى. بۇ پىرقە شۇ يەردە تارقالدى ۋە پائالىيەت قىلدى. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مۇراد Ⅰ قۇرغان ئۆسمۈرلەر قوشۇنى بۇ پىرقىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈچى زورايدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1826 - يىلى ئۆسمۈرلەر قوشۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بەكتاشىيە پىرقىسى خارابلاشتى. سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار بەكتاشىيەنى
<بىدئەت> تەشكىلات دەپ ئېلان قىلدى، پىرقە تارقىتىۋېتىلدى. زاۋىيە ۋەيران قىلىۋېتىلدى. مال - مۈلكى نەقشىبەندىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. بەزى ئەزالىرى سۈرگۈن قىلىندى. بەزىلىرى باشقا پىرقىلەرگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ پىرقە يېزىلاردا يىلتىز تارتقانلىقتىن، تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن مەخپىي پائالىيەت قىلىپ ساقلىنىپ قالدى. بۇنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت.
19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۆكۈمەت بىر قەدەر كەڭ دىنىي سىياسەت قوللانغانلىقتىن، بۇ پىرقە ئەسلىگە كەلدى ھەم كەڭ تارقالدى. بۇ پىرقىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقتىن بۇ پىرقە سۈننىي مەزھىپىدىكى پىرقە دەپ ئاتالدى. ئەمەلىيەتتە تۈركلەرنىڭ قەدىمكى ئېتىقاد ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە شىئە مەزھىپىدىكى ھۇرۇفىيەنىڭ ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ جەمەتىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىنغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇلارنى شىئە مەزھىپىدىكى پىرقە دەيدۇ. بۇ پىرقە ئون ئىككى ئىمامغا ئىشىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلىنى ئاللانىڭ زېمىنىدىكى خەلىپىسى دەپ قارايدۇ. دىنىي قائىدىدە شەرىئەتكە ۋە ناماز قائىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ، ئاياللار ناماز ئوقۇغاندا لىچەك سالمايدۇ. بەزى مۇخلىسلار بويتاق ئۆتىدۇ. پىرقىنىڭ زاۋىيەسى ئاناتولىيە، ترانانى بىر مەھەل ئۆزىنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى قىلغان.