Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
北条早云
دۇنيا تارىخى
ھوجوسوئۇن
(1432 - 1519) ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋردىكى فېئودال يەر ئىگىسى. كىيوتولۇق ئىسې جەمەتىدىن بولۇپ، ئۆزىنى ئىسې شىنكورۇناگائۇجى دەپ ئاتىغان. لەقىمى زۇڭرۇي، سۇرۇگا (ھازىرقى شىزۇئوكا ناھىيىسى) باش ۋالىيسى ئىماگاۋا يۇشىنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭ ئاچىسى بولغانلىقتىن، ئۇ ئىماگاۋا ئائىلىسىدە تۇرغان. ئۇ ئىماگاۋا جەمەتىنىڭ ئىچكى ماجىراسىنى ياراشتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن شىڭگو بۇتخانىسىنىڭ خوجىدارى بولغان. 1491 - يىلى نىراياما شەھىرىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۆزىگە <ھوجو> فامىلىسىنى بەرگەن. 1494 - يىلى ئوداۋارا شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، ئۇ يەرنى تايانچ بازا قىلغان. 1516 - يىلى مىئۇرا يوشىئاتىسۇنى يوقىتىپ، ساگامى (ھازىرقى كاناگاۋا ناھىيىسى) نى تىنچىتقان. ھوجوسو ئۇننىڭ <سۇئۇن قەسىرىنىڭ 21 ماددىلىق مىزانى> دەپ ئاتىلىدىغان ئائىلە مىزانى بار بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىدىكى داڭلىق ئائىلە قانۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كاماكۇرا شوگونلۇقىدا ھوقۇق تۇتقان ھوجو جەمەتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھوجو سوئۇن جەمەتى <كېيىنكى ھوجۇلار> دەپ ئاتالغان.