Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
北山起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىباك سون قوزغىلىڭى
ۋيېتنام خەلقىنىڭ ياپونىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەسلىم بولغان. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ياپونىيە قوشۇنى لاڭ سونغا ھۇجۇم قىلغاندا، فرانسىيە ئارمىيىسى يېڭىلىپ باك سون ئارقىلىق تاي ڭۇيىنگە چېكىنگەن. باك سون ناھىيە خەلقى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ يەردىن قېچىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قورال - ياراقلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىرىنچى قوراللىق كۈچ - باك سون پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرغان. كېيىن فرانسىيە، ياپونىيە ئارمىنيىلىرىنىڭ بىرلىشىپ باستۇۇرشى ئارقسىدا پارتىزانلار ئورمانغا چېكىنىپ كىرىپ، ۋيېتنام ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ۋۇناي باك سون تايانچى بازىسىنى قۇرۇپ، ۋيېتنام ئىنقىلابىي قوراللىق كۈرىشىنىڭ يېڭى دەۋرنى باشلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.