Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەيرەمىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
نەقشبەندىيەنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇنى ئەنقەرەلىك ھاجى بەيرەم (؟ - 1429 ياكى 1430) قۇرغان. ئەھلى فىقھە سوپى پىرقىسىگە مەنسۇپ، دىنىي ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىگە يېقىن تۇرىدۇ. مۇراسىم، تەشكىلىي شەكىل جەھەتلەردە ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئەنقەرەدە شەيخ بەيرەمنىڭ قەبرىگاھ ئابىدىسى بولۇپ، بۇ پىرقىنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىرقە بىر مەھەل ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يەرگە ئىگە بولغان. شۇ چاغدىكى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە بۇ پىرقىنىڭ تۆت ئولتۇراق رايونى، زاۋىيەسى بولغان. 1924 - يىلىدىكى تۈركىيە ئىنقىلابتىن كېيىن، باشقا تەسەۋۋۇپچى پىرقىلەرگە ئوخشاش، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى. ھازىر مەۋجۇت ئەمەس.