Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
北欧理事会
دۇنيا تارىخى
شىمالىي ياۋرۇپا كېڭىشى
شىمالىي ياۋرۇپادىكى دانىيە، ئىسلاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش ئورگىنى. دانىيە، نورۋىگىيە، ئىسلاندىيە ۋە شۋېتسىيە ۋەكىللىرىنىڭ1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ستوكھولمدا ئىمزالىغان <شىمالىي ياۋۇپا كېڭىشى نىزامنامىسى>گە بىنائەن، 1953 - يىل 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كوپىنھاگىندا ئېچىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىندا رەسمىي قۇرۇلغان. فىنلاندىيە 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىقاتناشقان. كېڭەشنىڭ مەقسىتى شىمالىي ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. كېڭەش ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتى ئەۋەتكەن 78 نەپەر ۋەكىل (ئىسلاندىيە ئالتە ۋەكىل، قالغان تۆت دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسى 18 نەپەردىن ۋەكىل)دىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قارىمىقىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە مۇھىت، قانۇن، قاتناش ھەيئەتلىرى تەسىسقىلىنغان.