Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
杯葛
ئۇنىۋېرسال
bēi gě
بايقۇت، بايقۇت قىلماق، ئالاقىنى ئۈزمەك
دۇنيا تارىخى
بايكوت
ئېنگلىزچە Boycott نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلىدە ئادەم ئىسمى. كېيىن <مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ يېتىم قالدۇرۇش>قا ئىشلىتىلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئېرلاندىيىدىكى يەر ھەرىكىتىدە ئىجارىكەشلەرنىڭ ئەنگىلىيە پومېشچىكلىرىغا قاراتقان بىر خىل كۈرەش شەكلى. 1880-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېرلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى پارنېل ئىجارىكەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىجارىكەشلەرنى ياۋۇزلارچە ھەيدەپ چىقارغان ئەنگلىيە پومېشچىكلىرىنىڭ گۇماستىسى بايكوت (1832-7189)قا قارىتا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت جازالاش تەدبىرىنى قوللانغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز يېڭى مەنىگە ئىگە بولغان. كېيىن بىرلەشتۈرۈلۈپ شەخس، تەشكىلات، دۆلەت بىلەن سوداسېتىق ياكى ياللىنىش قاتارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىكى بىر خىل ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي بايقۇت ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدىكى بىر ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قالغان.