Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
北方马克
دائىرە: دۇنيا تارىخىشىمالىي مارك
Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گېرمانىيە فېئوداللىرى بېسىۋالغان پولاب سلاۋيانلىرى (ئاساسەن ليۇتىچىلار)نىڭ زېمىنىدا قۇرۇلغان چېگرا رايون. ئورنى ئېلبا دەرياسىنىڭ خاۋېل دەرياسى ۋادىسىدا بولۇپ، ۋاسسال بەگ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. يەرلىك سلاۋيانلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ، 983 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمانلارنى ھەيدەپ چىقارغان. 1134 -يىلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى لوتار Ⅱ شىمالىي ماركنى سۇيۇرغال يەر سۈپىتىدە گېرمانىيە چوڭ فېئودالى ئالبرې ختقا ھەدىيە قىلغان. 1150 - يىلى ئالبرېخت بۇرايوننى مەركەز قىلغان ھالدا براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.