Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەڭگى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەشە - بەڭ چېكىشنى ئادەت قىلغان كىشى.
نەشىكەش - پەسكەش. بەڭگى بوۋىسىنى ماختار، موزدۇز كوۋىسىنى. ئۆچكىنىڭ مويى تۈگىمەس، بەڭگىنىڭ ئويى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نەشە چېكىدىغان ئادەم .
ئۇ خۇدددى مەجۈن شوراپ، توختىماي كۈلىدىغان قوتۇر چىراي بەڭگى قىياپىتىگە كىرگەنىدى .
كۆچمە. تاماكا، ناس قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ چېكىشكە ئادەتلەنگەن كىشى .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى ئاچچىق بولۇپ، زەھەرلىك ، مەست قىلىپ ئاغرىق توختىتىدۇ؛ رېماتىزمنى داۋالايدۇ؛ يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ .