Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەدرەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمگەرچىلىكتىن چىققان، ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان.
ئېسىل - پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا ئەگەر، پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر. پەسكەش ماختانغىنى بىلەن بۈيۈك بولماس، سەركەش يۈگۈرگىنى بىلەن كېيىك بولماس. رەزىل ئادەم ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلار، گاھى ۋاي - دادلار، گاھى ۋارقىرار. ئۇ بەدرەكتىن ۋاپا چىقمايدۇ. ئىپلاس ئىپلاسلىقنى قىلمىسا ئۇخليالمايدۇ. مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما. نائەھلىگە قەرزدار بولما، ناتونۇشقا ھەمراھ. زېرىكلەر بىلەن زىندان گۈلستان، ناكەسلەر قىلار گۈلزارنى زىندان. ئەسكى ئەسكىلىككە يارىتىلغانمىكەن؟ ئۇ لەنىتىدىن نېرى يۈرگەن ياخشى. لەنىتى ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە بېرىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
تىل ھا. نەسلى پەس، پەسكەش. رەزىل، ئىپلاس.
زەۋقى دەرھال: - ھۇ بەدرەك پوق چاينىما - دەپ ۋارقىرىدى.