Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەدىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاسىتىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.