Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىدئەتچىلىك
دۇنيا تارىخى
异端
yì duān
(1) كۇپپارلىق دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئوتتۇرا ئەسىردە خرىستىئان دىنىنىڭ باشقا دىنلارنى كەمىسىتىپ ئاتىشى. (2) خرىستىئان دىنىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان گۇرۇھلارنىڭ غەيرىي گۇرۇھلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. بۇلاردىن مۇھىملىرى: مىلادى Ⅶ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن كىچىك ئاسىيادىكى يائولچىلار، Ⅹ ئەسىردىن تارتىپ بالقان يېرىم ئارىلىدا ئەۋج ئالغان بوگۇمېلچىلار. ⅩⅡ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادا تارقالغان ۋالدوسچىلار ۋە پاكلار تەرەپدارلىرى (بۇ ئىككى مەزھەپ فرانسىيىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالىبېچىلار دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت. ⅩⅣ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى بىدئەتچىلىك يەنە شەھەر ئاھالىسى بىدئەتچىلىكى بىلەن دېھقانلار بىدئەتچىلىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئالدىنقىسىغا، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىدە ئانولىد (بىركىيە)، ئەنگلىيىدە ۋىكلىف چېختا خۇس ۋە مۇقەددەس جامچىلار (كالىكتسىزچىلار) ۋەكىللىك قىلغان؛ كېىنكىسىگە ئەنگلىيىدىكى لوللاردچىلار، چېختىكى تابورچىلار، گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇنغۇچىلار قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلغان غەربىي ياۋروپادىكى بىدئەتچىلەر كۈرەشنىڭ تىغىنى توغرىدىن - توغرا كاتولىك چېركاۋلىرى بىلەن مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق تۈزۈمگە قاراتقان. شۇڭا ئۇلار پاپا باشچىلىقىدىكى كاتولىك چېركاۋلىرى بىلەن دەھرىي فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەزشىيلەرچە باستۇرۇشىغا (<بىدئەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى> غا قارالسۇن) ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى، يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپى <ئەنئەنىچى دىنىي گۇرۇھلىرى> تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان پارچىلار پەقەت مۇنازىرە رەقىبلىرىنىڭ نەقلىللىرىدىلا ئۇچرايدۇ، بۇلار خرىستىئان دىنىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
世俗主义
shì sú zhǔ yì